تۈركىيەنىڭ يېڭى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سەدات ئۆنال ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن باش ئەلچى سەدات ئۆنال باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسقا ساداقەت مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ، ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى.

1950058
تۈركىيەنىڭ يېڭى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سەدات ئۆنال ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى سەدات ئۆنال ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى مەركىزىدە باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسقا ساداقەت مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ، ۋەزىپە ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇتېررېس بىلەن ئۆنال مەكتۇپ تاپشۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەدە يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ب د ت نىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى. ئۇندىن باشقا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇتىنىڭ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىلىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاشلىق كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىنى باش ئەلچى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئۆنال، 2018-يىلىدىن بۇيان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر