چاۋۇشئوغلۇ: 70 مىڭ چېدىر تۈركىيەگە كەلدى، 55 مىڭىنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافادنىڭ غازىئانتەپتىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1948023
چاۋۇشئوغلۇ: 70 مىڭ چېدىر تۈركىيەگە كەلدى، 55 مىڭىنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ تۈركىيەگە 120 مىڭ چېدىر ئەۋەتىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ 102 مىڭ چېدىر بۇيرۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلارنىڭ 70 مىڭغا يېقىنى دۆلىتىمىزگە يېتىپ كەلدى، 55 مىڭغا يېقىن چېدىرنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافادنىڭ غازىئانتەپتىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىكى سۆزى جەريانىدا، يەر تەۋرەشتىن كېيىنلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ياردەم بېرىشكە چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئارقىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلەر مۇستەقىل ھالدا بىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ناھايىتى سەمىمىي قەدەملەرنى تاشلىدى. بىز ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھەم ناتو ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي ئەھۋاللار مېخانىزملىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، چەت ئەللەردىن كەلگەن ياردەملەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ: «بۈگۈنگىچە ياردەم قىلغان دۆلەتلەر سانى 102؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە 88 دۆلەت ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش، دالا دوختۇرخانىسى ياكى داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ بىزگە ياردەم بەردى. 23 دۆلەت ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن دۆلەتلىرىگە قايتتى. نۆۋەتتە 65 دۆلەت خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەدىكى ئاپەت رايونلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجىنىڭ چېدىر ۋە كونتېينېر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، چېدىرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۈك ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىر تەرەپتىن دۆلەتلەر ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى كومىسسارلىقى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋەدە قىلغان ياكى ئاجراتقان چېدىرلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق چېدىر ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن ئورناتقان ئالاقىلىرى سايىسىدا، ھازىرغىچە 222 مىڭدىن ئارتۇق چېدىر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ، بۇلارنىڭ 120،000 ىنىڭ دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ۋەدە قىلغان، 102 مىڭىنىڭ تۈركىيە بۇيرۇتما بەرگەن چېدىرلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇلارنىڭ 70 مىڭغا يېقىنى دۆلىتىمىزگە يېتىپ كەلدى، 55 مىڭغا يېقىن چېدىرنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۈك ئايروپىلانلىرى ھەمدە بىر قىسىم دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر ئاجراتقان يۈك ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە، كونتېينېرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر