ئەردوغان: بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىق ۋە قىيىن ئۆتكەلدىن تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1946452
ئەردوغان: بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، «ھازىرغىچە قىيىن ئۆتكەللەردىن قانداق ئۆتكەن بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتىمىز» دېدى.

ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بىناسىدا چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ھارپىسىدا،  تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىكى خادىملارغا خىتاب قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان مىسلىسىز  كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەپ مۇنداق دېدى:

«ناھايىتى چوڭ ئاپەتكە دۇچ كەلدۇق. ئاپەتتىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. نىشانىمىز بىر يىل ئىچىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرىنى سېلىشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر