دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە يار - يۈلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تەيۋەن خەلقىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان قاھرامانماراش مەركەزلىك ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلغان ياردەم بۇيۇملىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
1946430
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيبېيدىكى تۈركىيە سودا ئىشخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ئىئانە قىلغان 10 مىڭ ئەدىيال، 600 چېدىر، بەش دالا دوختۇرخانىسى چېدىرى قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ پايتەخت تەيبېيدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.