يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 617 گە يەتتى

قاھرامانماراش مەركەزلىك 6 - فېۋرالدا يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 617 گە يەتتى.

1945280
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 617 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئاپەت ۋە جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

فۇئات ئوكتاي نەق مەيداندىكى 32 مىڭ 71 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، ئىزدەپ-قۇتقۇزۇشتا K9 ئىتلىرى ۋە بارلىق تېخنىكىلارنىڭ تولۇق ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فۇئات ئوكتاي: «قايغۇلۇق خەۋەرلەردىن بىرسى ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئەپسۇسكى سان داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. 24 مىڭ 617 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئارزۇيىمىز ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈمىدىمىزنى ئاخىرقى پەيتكىچە ساقلاپ قېلىشتۇر» دېدى.

يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار سانىنىڭ 80 مىڭ 278 گە يەتكەنلىكىنى ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارسانى نىڭ 12 مىڭ 141  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

فۇئات ئوكتاي تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تارقاقلاشتۇرۇشتۇرۇلغانلار سانىنىڭ ھازىرغا قەدەر 111 مىڭ 500 كىشى بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر