ئەردوغان ئادىيامان ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئاپەت رايونلىرىنى زىيارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

1945012
ئەردوغان ئادىيامان ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۈگۈن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئادايامانغا باردى؛ شەھەردىكى ئىزدەش -قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ۋە ياردەم پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئادىيامان ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە زالىغان تەسىس قىلىنغان چېدىر شەھەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

قاھرامانماراش مەركەلىك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 18 مىڭ 991 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 75 مىڭ 523 كە يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاپەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 76 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ باشقا ۋىلايەتلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسىمىي بارلىق ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ئەپسۇسكى، يەر تەۋرەشنىڭ زەربە بېرىش تەسىرى 10 ۋىلايەتتىكى 500 كىلومېتىرلىق جايغا يېيىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىشىمىز ناھايىتى قىيىن بولدى»  دېدى.

گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنى بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن سېلىپ ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، چېدىردا تۇرۇشنى خالىمايدىغان پۇقرالارغا دۆلەتنىڭ بىر يىللىق ئۆي ئىجارە ھەققىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى، چېدىردا تۇرۇۋېرىشنى خالايدىغانلارنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۆلەتنىڭ ئاپەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە  بارلىق جايلىرىنى گۈللەندۈرىدىغان كەڭ دائىرىلىك پىلان تەييارلىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قاھرامانماراش، خاتاي، ئادانا، غازىئانتەپ، ئوسمانىيە ۋە كىلىس قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى.

 

ئېكران ئاستى يېزىقلىق ۋىدېئو — ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۈيدۈكىنى ئىچكەن ياش 94 سائەتتىن كېيىن قۇتۇلدۇرۇلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر