مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى بىلەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى بىلەن يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
1944907
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ياردەم كوردىناتورى مارتىن گرىففىتس بىلەن 6 – فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەش توغرىسىدا سۆزلەشتى.