ئەردوغان: قازا قىلغانلار سانى 3549 غا، يارىلانغانلار سانى 22 مىڭ 168 گە يەتتى

قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ، 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 3549 غا يەتتى.

1943242
ئەردوغان: قازا قىلغانلار سانى 3549 غا، يارىلانغانلار سانى 22 مىڭ 168 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك ئۇچۇر كوردىناتسىيە مەركىزىدە بايانات بېرىپ: «3549 ۋاپات بولغان كىشىمىز، 22 مىڭ 168 يارىدارىمىز بار. ئەڭ چوڭ تەسەللىمىز، ھازىرغىچە 8 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرامىزنىڭ خارابىلىك ئاستىدىن سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇشىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتايمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەۋەتكەن 3294 قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاتاينىڭ ئوداباشى مەھەللىسىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغان 30 ياشلىق ھۈليا يىلماز بىلەن ئالتە ئايلىق بوۋىقى ئايشە ۋەرا يىلماز ئارىدىن 29 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.

قاھرامانماراشتىمۇ خارابىلىك ئاستىدا قالغان بىر ياش قىز ئارىدىن 28 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يارىدار ھالەتتە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

غازىئانتەپتە بىر ئايال 25 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىندى.

گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالار بار رايونلاردىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن 10 مىڭ كىشىلىك چېدىر تىكلىنىشكە باشلاندى.

رايوندا 25 مىڭ 693 خادىم، 360 ئاپتوموبىل، 3361 قۇرۇلۇش ماشىنىسى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر