مىنىستىر سويلۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇ گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1941084
مىنىستىر سويلۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تۈركىيەگە قارشى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.

سويلۇ، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىلىرىنى بىر كۈن تاقاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «60 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى نىشان قىلىپ بېكىتكەن بىر كۈندە، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلار تۈركىيەدە يېڭى پسىخولوگىيەلىك ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر