تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچى ھۇجۇملار بىلەن دىنىي چىدىماسلىققا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

1939073
تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئامېرىكانىڭ تېننېسسى ئىشتاتىغا قاراشلىق مەمفىس شەھىرىدە تىرې نىكولس ئىسىملىك ​​بىر كىشىنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقى ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا چەت ئەللىكللەرگە ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچىلىق جاراكتېرلىق ئاغزاكى شۇنداقلا جىسمانىي ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن مىنىستىرلىقىمىز، ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىمىز ۋە ئامېرىكادىكى باش كونسۇلخانىلىرىمىز ئېلان قىلىدىغان قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئېلانلارغا دىققەت قىلىشى پايدىلىقتۇر» دېيىلدى.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدىمۇ بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىسلامغا دۈشمەنلىك، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى تەشۋىقات نامايىشلىرى كۈچىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، ياۋروپادىكى دىنىي چىدىماسلىق ۋە نەپرەتنىڭ خەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىرقچى ۋە ئايرىمچى ئېقىملارنىڭ ياۋروپادا كىشىنى چۆچۈتىدىغان سەۋىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق ئاشكارىلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشايدىغان ياكى بۇ دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياج بولغان ھامان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇلخانىلار ئالاقە مەركىزىنىڭ (903122922929+) نۇمۇرىغا تېلېفون قىلىشى كېرەكلىكى ھەمدە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە ئىرقچى ھۇجۇملارغا قارشى تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئەھۋالنى بىلدۈرۈشى لازىملىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر