ئاقار چېخىيەدە

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار چېخىيە باش مىنىستىرى پېتر فىئالا بىلەن كۆرۈشتى.

1934176
ئاقار چېخىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان چېخىيە پايتەختى پىراگادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن كېيىن، پارلامېنت بىناسىغا ئۆتتى ۋە بۇ يەردە باش مىنىستىر پېتر فىئالا بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئاقار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، چېخىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىدىن ئومنىپولغا بېرىپ، شىركەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر