چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقاغا تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئافرىقا قىتئەسىگە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ۋە ئوغۇت ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1930781
چاۋۇشئوغلۇ ئافرىقاغا تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلۇ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى نالېدى پاندور بىلەن پرېتورىيەدە مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ پاندور بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئۇل- ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە تۈرىدىكى پۇرسەتلەرگە قاراپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ باراۋەر شېرىكلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە تەڭ پايدا ئېلىش ئىستراتېگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە زور كۈچ چىقارغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە باشتىن-ئاخىر تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، بىزنىڭ نىشانىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ئۆزئارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى. بىز بۇ ئۇرۇشنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى» دېدى.

ئۇ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە ئافرىقا خەلقىنى قوللاش مەسىلىسىدە، بۇ جەھەتتە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا ئەركىن ئېكسپورت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ۋە ئوغۇت ئەۋەتىش كېرەك دەپ قارايمىز» دېدى.

ئۇ بىرازىلىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بولسونارونىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرىشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ئەھۋالنى «ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى ۋە «تۈركىيەنى ئەندىشەگە سالغانلىقى» نى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر