«ئەرەن قامال قىلىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 126 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قامال قىلىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 126 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1923155
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2022 – يىلى «ئەرەن قامال قىلىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، 126 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 1092 غار ۋە پاناھ جاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، كۆپ ساندا قورال – ياراغ، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.