سويلۇ: «ئەرەن قامال قىلىش - قىش 18» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ دىيارباقىر، بىنگۆل، مۇش ۋە باتماندا «ئەرەن قامال قىلىش - قىش 18» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
1923115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، دىيارباقىر ۋالىيسى ئايدىن ئارسلان بىلەن بىرلىكتە، دىيارباقىر ۋىلايىتىنىڭ لىجە ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن باياناتىدا، 3650 ھەربىي خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن قامال قىلىش - قىش 18 شېھىت قوراللىق ساقچى لېيتېنانت ھۇبەيب تۇران» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، رايوندا بىرمۇ تېررورچى قالمىغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.