ئەردوغان ئسىلام دۇنياسى ئاساسىي قانۇن ئەدلىيەسى يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە ئۆتمۈشى بىلەن يۈزلىشىش پەزىلىتىنى نامايان قىلالمىغانلارنىڭ ئېغىزىنى ئاچسىلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش توغرىسىدا گەپ سېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1923003
ئەردوغان ئسىلام دۇنياسى ئاساسىي قانۇن ئەدلىيەسى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۇنياسى ئاساسىي قانۇن ئەدلىيەسى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك مۇزاكىرەلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئىسلام دۇنياسى بولۇپمۇ قانۇن ۋە ئادالەت مەسىلىسىدە نۇرغۇن ناھەق، ئاساسسىز شۇنداقلا رەھىمسىز تەنقىدلەرگە دۇچار بولماقتا» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە ئۆتمۈشى بىلەن يۈزلىشىش پەزىلىتىنى نامايان قىلالمىغانلار ئېغىزىنى ئاچسىلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلماقتا. ئىش ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، تاش ئۈستىدە تاش، گەۋدە ئۈستىدە باش قويمايدىغانلار، بىزنىڭ قانۇن ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىمىزغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشماقتا. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش جەھەتتە قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلار، بىزگە كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكى توغرىسىدا ۋەز ئېيتماقتا... سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافرىقا كۆچمەنلىرىگە تام سوقۇپ ئىشىكلىرىنى تاقىۋالغان ئورگانلار، نۆۋەت پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا كەلگەندە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كەڭ قورساقلىق قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىنسانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىڭ ئورنىغا پەقەت ئۆزىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە مەنپەئەت تۈزۈمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئازغۇن سىستېمىلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ھامان بىر كۈنى بۇ ئادالەتسىز تۈزۈم يىمىرىلىپ، ئىشائاللاھ، ئورنىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان بىر تۈزۈمگە بوشىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر