يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاۋاد بىن مۇبارەك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاۋاد بىن مۇبارەك تۈركىيەنىڭ يەمەن خەلقىنى قوللىغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1922300
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاۋاد بىن مۇبارەك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (22-دېكابىر) تۈركىيەگە كېلىشى مۆلچەرلەنگەن يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىن مۇبارەك زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە قارارلارغا رىئايە قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

بىن مۇبارەك تۈركىيەنىڭ يەمەن خەلقىنى قوللىغانلىقىنى مەدھىيەلەپ: «بىز تۈركىيەنىڭ يەمەننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە يەمەنلىكلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېدى.

يەمەن مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «زىيارىتىم جەريانىدا تەرەققىيات، مەدەنىيەت، سەھىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىق ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىن مۇبارەكنىڭ تۈركىيە زىيارىتى 24 - دېكابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.

يەمەندە 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئاپرېلدا (2022) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 2 - ئۆكتەبىردە ئاخىرلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر