ئەردوغان: تۈركىيە ھەر قېتىملىق يەر شارىۋى كرىزىس مەزگىلىدە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر قېتىملىق يەر شارىۋى كرىزىس مەزگىلىدە دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندە، تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىپ، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ماردىندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بەزى مۇئەسسەسەلەرنى ئاممىۋى ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئالدىنقى 20 يىل ئىچىدە ماردىننى 48 مىليارد لىرالىق سېلىنما ئارقىلىق ھەر ساھەدە قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، گۈللەندۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
قارامان – ئادانا – گازىئانتەپ تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنى تاكى ماردىنغىچە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 3 مىليون يولۇچى سىغىدىغان يېڭى ماردىن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن نوبېل مۇكاپاتلىق پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ ئىسمى بىلەن خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئايرودۇرۇمنىڭ ئىسمىنىڭ «ماردىن ئەزىز سانجار ئايرودۇرۇمى» غا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە بۈگۈن 3 نېفىت قۇدۇقىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېتىدىغان 2023 – يىللىق زەپىرىمىزدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك ئەڭ قۇدرەتلىك 10 دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزىمىز.»
ئۇ، ھەر قېتىملىق يەر شارىۋى كرىزىس مەزگىلىدە، دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندە، تۈركىيەنىڭ قۇدرەت تېپىپ، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ماردىننىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن سىرت يەنە، شەھەرگە سېلىنىۋاتقان سېلىنمىلارمۇ ئورۇن ئالغان بىر ۋىدېئونى ئورتاقلاشتى.
«<تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى> ناخشىسى» تۈرك، كورد، ئەرەب ۋە سۈريانى تىللىرىدا ئاۋازغا ئېلىنغان ۋىدېئودا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ناخشا تېكىستىنى ئوقۇيدۇ.
ئەردوغان، ئۇچۇرىدا، مۇنداق دەيدۇ: «ماردىن، تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانىغا بىرلىكتە يېتىشكە، 2023 – يىلى بىخەتەر، بەھۇزۇر ۋە باياشات تۈركىيەنىڭ يولىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىشقا تەيياردۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.