تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەنىڭ نارىتا ئايرودۇرۇمىغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتا باشلىدى

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرگە ئۇچۇۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن توختاتقان ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى نارىتا ئايرودۇرۇمىغا ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتا باشلىدى.

1920019
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەنىڭ نارىتا ئايرودۇرۇمىغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتا باشلىدى
thy japonya.jpg
thy japonya tokyo.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن «Boeing 787-900» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئايروپىلان سەپىرىنىڭ يولۇچىلىرى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى، نارىتا ئايرودۇرۇمىدا گۈللەر بىلەن قارشى ئېلىندى. تۇنجى ئۇچۇشقا 275 يولۇچى قاتناشتى.

توكيونىڭ شەھەر مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىن بولغان خەنېدا ئايرودۇرۇمىغا ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئۇچۇۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى،  نارىتا ئايرودۇرۇمىغىمۇ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۇچىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، نارىتاغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن توكيوغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى ھەپتىدە 10 غا كۆپەيتكەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، نارىتا ئايرودۇرۇمىغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھەر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر