ئەردوغان تۈركمەنىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىرى 1-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 13 - دېكابىردىن 14 - دېكابىرغىچە (2022) تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1918079
ئەردوغان تۈركمەنىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ  باياناتىدا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن باشقا يەنە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن، «تۈركىيە-ئەزەربەيجان-تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىرى 1-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئۈچ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى؛ رەھبەرلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەزكۇر ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقلارنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى كۈچەيتىدىغان ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپلىك ئايرىم ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنىمۇ  ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر