ئەردوغان 2023 – يىلىدا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشقىچە بىر ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر ئاي ئىچىدە ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگىنىدە، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشقىچە بىر ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1917324
ئەردوغان 2023 – يىلىدا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشقىچە بىر ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سامسوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئازادلىقتىن ھازىرغىچە، ھەممىمىز بىرلىكتە 2023 - يىلغىچە» تېمىلىق پروگراممىدا نۇتۇق سۆزلىدى. تۈركىيە ئەسرىنى يارىتىش پىلانىنى تاماملاش نىشانى بىلەن يول يۈرىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە يەرلىك  ئىشلەپچىقىرىش تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئەردوغان تۈركىيەدە ياسالغان قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى <قىزىل ئەلما> ھاۋاغا كۆتۈرۈلگىنىدە، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشقىچە بىر ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100 - يىللىقىنى (2023-يىلى) تاماملاش نىشانى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ تېخنىكىنى پەقەتلا ئىشلىتىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىدىغان ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، لايىھىلەيدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان كۈچكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە تۈركىيەنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنى دوست - دۈشمەن ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەسەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «بىز تۈركىيە ئەسرى بىلەن دۆلىتىمىزنى يېقىنقى 20 يىلدا بەرپا قىلغان كۈچلۈك ئەسەر، خىزمەت ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز ئاساسىدا دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 نىڭ قاتارىغا كىرگۈزىشنى ئارزۇ قىلماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر