ئەردوغان:«ياشلىرىمىزنىڭ بىلىم - قابىلىيەتلىرى ۋە ئىشەنچىسى تۈركىيە ئەسرىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتىدۇر»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياشلارنىڭ بىلىمى، قابىلىيىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۈركىيە ئەسىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شانلىئۇرفانىڭ خەلىلىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار ئۇچرىشىشى» پhروگراممىسىغا قاتناشتى.
ئەردوغان پhروگراممىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بارغانلىكى ھەر بىر شەھەردە ياشلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: «كەلگۈسىمىزنى ئامانەت قىلىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ دۇنياغا، دۆلىتىمىزگە، بىزگە ۋە ئۆز ھاياتلىرىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى.
ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى ئەسرىنى (2023-يىلى) «تۈركىيە ئەسرى» تەسەۋۋۇرى بىلەن قارشى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدا ھەممىدىن بەك ياشلارنىڭ ئېنېرگىيەسىگە، ئىشلەپچىقىرىشچانلىقىغا ۋە تىرىشچانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: «بىز دۇنياغا ئەمەس، دۇنيا تۈركىيەگە قارىسۇن. ياشلىرىمىزنىڭ بىلىمى، قابىلىيەتلىرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۈركىيە ئەسرىنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتىدۇر» دېدى.