تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي قىرغاقتا ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە قارىتا  يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1914302
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتا يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە قىىسىملىرىنىڭ زوراۋانلىقى شۇنداقلا پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىدار قىلىش ۋەقەلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوت قىلماستىن ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربىي قىرغاقتا ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە قارىتا  يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «بىز غەربىي قىرغاقتا، بولۇپمۇ شەرقىي قۇددۇستا يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىدىن  چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز ۋە بۇ سوت قىلماستىن ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى  قاتتىق ئەيىبلەيمىز. رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن بىرگە، پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر