تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ نىشانى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتابنامەسىدە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرالىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

1913809
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ نىشانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرالىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

يىغىندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك| ك ج ك، پ ي د|ي پ گ، فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىككە، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھەر تۈرلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان خەتەرلەرگە قارشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا كېڭەشكە مەلۇمات سۇنۇلغانلىقى، شۇنداقلا ئالاقىدار قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرالىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامەدە، مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:

  «ئۇلۇغ خەلقىمىز ۋە تەڭدىشى يوق دۆلىتىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ب د ت ئەھدىنامەسىنىڭ 51-ماددىسى رامكىسىدا جەنۇبىي چېگرالىرىمىز بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكى، رايونىمىزدا چېگرالىرىمىزنى، شەھەرلىرىمىزنى، پۇقرالىرىمىزنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەر قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن بېسىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.»

تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەسى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان دىيالوگ تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان گىرېتسىيەدىن غەيرىي ھەربىي سالاھىيەتتىكى ئاراللارنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قانۇنغا ۋە كېلىشىملەرگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامەدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىزچىل قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر