چاۋۇشئوغلۇ رۇمېنىيەدە ئېستونىيە ۋە پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇمېنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستقا يېتىپ باردى.

1912699
چاۋۇشئوغلۇ رۇمېنىيەدە ئېستونىيە ۋە پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس رېينالسۇ ۋە پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوۋ گومېس كراۋىنھو بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئېستونىيەلىك مەنسەپدېشى رېينالسۇ بىلەن ناتونىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ پورتۇگالىيەلىك مەنسەپدېشى كراۋىنھو بىلەنمۇ ئوخشاش تېمىلارنى ۋە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر