شىۋېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

شىۋېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ستافان ھېرستروم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1909146
شىۋېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئىستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى بىناسىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشۋىقاتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاقارەتلەنگەن رەسىملەرنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ستافان ھېرستروم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ ئەيىبلەندى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار ئۇنسۇرلار، تۈركىيەنىڭ ئىستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى بىناسىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشۋىقاتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھاقارەت قىلىنغان باش سۈرەتلەرنىڭ شولىسىنى چۈشۈرگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغان ھېرسترومغا، تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلغان.

ھېرسترومغا ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئېنىقلاپ زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەمدە ئەنقەرەنىڭ، تۈركىيە – شىۋېتسىيە – فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا 30 – ئىيۇن ئىسپانىيەدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن ۋەدىلەرنى ئورۇنداش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنىڭ بېسىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر