ئىراقنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.
1905613
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «<قەيەردە بىر تېررورچى بولسا، زەربە بېرىش نىشانىمىز شۇ يەردۇر> دېگەن شوئار بىلەن تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.» دېدى.