ئىراقنىڭ شىمالىدا شېھىتىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە-كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1905461
ئىراقنىڭ شىمالىدا شېھىتىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە-كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىسېرى ئەمرە سەۋىنچنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئاپىرىلغان دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شېھىت ئەمرە سەۋىنچنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەمرە سەۋىنچنى شېھىت قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئالتە ئەزاسىنىڭ رايوندىن قېچىۋاتقاندا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى ۋە قالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر