ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر چىقىش يولى تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولۇشتۇر. ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە كۆپ ساندا قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلارمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى. رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.