تۈركىيە – ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى گۇرۇپپىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئەسى گۇرۇپپىسى يىغىنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەيئىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.
1903379
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىجابىي ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن يىغىندا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن سىرت يەنە، ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ كېلەر يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.