ئىراقنىڭ شىمالىدىن شۇم خەۋەر

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورىستلىرىنىڭ ھەربىي بازىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1902764
ئىراقنىڭ شىمالىدىن شۇم خەۋەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورىستلىرىنىڭ ھەربىي بازىغا قارىتىپ ئوق ئېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن خەلقىمىزگە سەۋر، يارىدارلىرىمىزغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر