بودرۇمدا 60 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 60 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1901042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 60 قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.
كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.