ھاققارىدا «ئەرەن قامال قىلىش قىش – 5» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
ھاققارى ۋىلايىتىدە «ئەرەن قامال قىلىش قىش – 5 شېھىت قوراللىق ساقچى ۋە كەسپىي ئەسكەر ئونبېشى جەۋدەت ئۆزداش» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
1899125
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، 688 ھەربىي خادىم ۋە 43 ئەترەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، «ئەرەن قامال قىلىش قىش – 5 (ھاققارى – يۈكسەكئوۋا – كەچىلى) شېھىت قوراللىق ساقچى ۋە كەسپىي ئەسكەر ئونبېشى جەۋدەت ئۆزداش» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قامال قىلىش – قىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى»، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.