چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىئاس بىللىسترون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1896845
چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىئاس بىللىسترون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، چاۋۇشئوغلۇ بىللىستروننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تېلېفون سۆھبىتى يەنە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن مادرىد يىغىنىدا 28 – ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپلىك قارارنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر