بارتىندىكى پارتلاشتا 28 ئادەم قازا قىلدى

بارتىننىڭ ئاماسرا ناھىيەسىدىكى بىر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 28 ئىشچى قازا قىلدى.

1893138
بارتىندىكى پارتلاشتا 28 ئادەم قازا قىلدى
amasra maden ocagi patlama1.jpg
amasra maden ocagi patlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشكۆمۈر ئورگىنى قارمىقىدىكى بىر كاننىڭ بىر بۆلۈمىدە تۈنۈگۈن كەچ سائەت 18 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەردى؛ پارتلاشتىن كېيىن رايونغا دەرھال كۆپ ساندا سەھىيە، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى خادىملىرى ئەۋەتىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، پارتلاش 28 كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان 11 كان ئىشچىسىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى..

ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، پارتلاش يۈز بەرگەندە كاندا 110 ئىشچىنىڭ بارلىقىنى، نۆۋەتتە كان ئىچىدە قالغان 15 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر سويلۇ بىلەن بىرلىكتە رايونغا يېتىپ بارغان ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز بولسا، دەسلەپكى مۇلاھىزىلەرنىڭ، كاندىكى پارتلاشنى گاز سىقىشىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلاندى.

بۈگۈنكى بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارتىنغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن بارتىنىمىزنىڭ ئاماسرا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كېنىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، تۇغقانلىرىغا سەۋر، يارىلانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بارلىق ئورگانلارنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئۆزىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، ئۈچ مىنىستىرنىڭ نەق مەيداندىكى خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر