تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى
تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاۋغۇستتا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 0.4 پوئىنت تۆۋەنلەپ، %9.6 چۈشتى.
1890678
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK) ئاۋغۇستتىكى ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاۋغۇستتا تۈركىيە مىقياسىدا 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 100 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 312 مىڭ كىشىگە تۆۋەنلىگەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.4 پوئىنت تۆۋەنلەش بىلەن %9.6 گە چۈشكەن.
ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 2.2 پوئىنت تۆۋەنلەپ، 2014 - يىلى مارت ئېيىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن.
2014-يىلى مارت ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.5 دەپ خاتىرىلەنگەن ئىدى.