چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ۋە سايلىغۇچىلار سۈپىتىدە تىزىملىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

1890438
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت مەجلىسى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ستراسبۇرگقا يېتىپ باردى ۋە تۈركىيە كونسۇلخانىسىدا تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

چاۋۇشئوغلۇ چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەشكىلاتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە ئاساسلىق تېما بولغاندا، بىز بۇ ئىتتىپاقلىقىمىزنى تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىشىمىز كېرەك. ئەرمېنىيە دىياسپوراسى دۆلىتىمىزگە قارىتا تۆھمەت ھەرىكىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى باشلىدى. بىزمۇ ياۋروپادىكى بۇ تەشكىلاتلىنىشىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقىلارنى كۆرسىتىشىمىز لازىم. فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان 800 مىڭ پۇقرايىمىز بىلەن سىياسەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالغا كېلەلەيمىز. ئەپسۇسكى بۇ يەردىمۇ بىر ئەرمېنىيە دىياسپوراسى بار، بۇ ئەرمېنىيە دىياسپوراسىنىڭ بىر قىسمى ياخشى نىيەتتە ئەمەس. ئۇلار تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ۋە ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىشقىمۇ قارشى چىقماقتا. ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قارشى دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان بىر دىياسپورا ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. سىلەرنىڭمۇ بۇ دىياسپوراغا قارشى تېخىمۇ تەشكىللىك ھالدا ئاۋاز ياڭرىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ۋە سايلىغۇچىلار سۈپىتىدە تىزىملىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر