نۇرەتتىن نەباتى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىن نەباتى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى.

1884128
نۇرەتتىن نەباتى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شاھزادە سالمان بىلەن مىنىستىر نەباتىنىڭ جىددەدىكى ئەل-سالام سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشغا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ قاتناشقان.

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلگەن ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يېقىندىن بۇيان  سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن جانلىنىۋاتقان بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاپرېلدا (2022) سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان  تەخت ۋارىسى سالمانمۇ ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودىغا قولايلىق يارىتىش ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ئالاقىسىنى ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇلارنى ھەرقايسى ساھەدىكى كونكرېت ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر