تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ پاكىستانغا قىلىۋاتقان ياردىمى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى پاكىستاندا كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ يارىسىغا مەلھەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1883045
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ پاكىستانغا قىلىۋاتقان ياردىمى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى پاكىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، كۇۋەيتا شەھىرىنىڭ داشت رايونىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقىتىپ بەردى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى خەلقئارا ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ھەرىكەت دىرېكتورى ئانىل كوجابال ئىيۇل ئېيىدىن (2022) بۇيان داۋاملاشقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستاندا، بۈگۈنگە قەدەر يۈزلىگەن چېدىر، 1500 دىن ئارتۇق يېمەكلىك پوسۇلكىسى ۋە نۇرغۇن باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئانىل كوجابال كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنى بىخەتەر سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دائىرىدە 5 مىڭ ئائىلىگە سۇ تازىلاش سىستېمىسى تارقىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئانىل كوجابال كەلكۈندىن كېيىن، پاكىستاندا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 3 رايوندا 30 مىڭ كىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كۆچمە سەھىيە پونكىتى قۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر