ئەردوغان 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ: «نۆۋەتتە ئورتاق تەقدىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغان خىرىسلارغا قارشى ئورتاق قارالما بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

1882460
ئەردوغان 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى
Erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى؛ «ئورتاق تەقدىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغان خىرىسلارغا قارشى ئورتاق قارالما بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز.. تېخىمۇ ئادىل دۇنيا سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى شەرت... بىز دۇنيانىڭ بەشتىن چوڭ ئىكەنلىكى، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشنى قەتئىي توختىتىپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا قادىر ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيمەن» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى كۈتۈشى تەبىئىي ھوقۇقىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە، گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ مۇساپىرلارنى قانۇنسىز ھالدا پەرۋاسىزلارچە قايتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئەگە دېڭىزىنى مۇساپىرلار قەبرىستانلىقىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە فوتو - سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۆتكەن ھەپتە توققۇز ئايلىق بوۋاق ئاسىم، تۆت ياشلىق ئابدۇلۋاھام ۋە ئائىلىسى گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كېمىلىرىنى چۆكتۈرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئافېنا ھۆكۈمىتىنى جىددىيچىلىك پەيدا قىلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش سىياسىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىشقا تەكلىپ قىلغان ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق (پەلەستىن) مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستىكى قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئەنقەرەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال قىلىنغان يەرلىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تارىخىي كۆزنەك ئېچىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر