تۈركىيە: غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنى ھەردائىم قوللايمىز

تۈركىيە تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملارغا قارىماي غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنى ھەردائىم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1880635
تۈركىيە: غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنى ھەردائىم قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، گىرېتسىيەنىڭ ئىشكەجە رايونىدىكى ئاز سانلىق تۈركلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن زەيبەكنىڭ، بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا تېلېفون ئارقىلىق قاتناشقان بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆلۈم تەھدىتى سېلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملارغا قارىماي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدىن ۋاز كەچمىگەن غەربىي تراكيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەرنىڭ ھەردائىم يېنىدىمىز. گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن، بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋەقەنى تەكشۈرۈشى ۋە جاۋابكارلارنى جازالاندۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ئىشكەجە رايونىدىكى ئاز سانلىق تۈركلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن زەيبەك، دۈشەنبە كۈنى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا تېلېفون ئارقىلىق قاتناشقان بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر