تۈركىيە بىلەن UNICEF ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) ئوتتۇرىسىدىكى «ساھىبخان دۆلەت كېلىشىمى» يېڭىلاندى.

1880189
تۈركىيە بىلەن UNICEF ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىم، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى فەرىدون سىنىرلىئوغلۇ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى كاتېرىن رۇسسېل تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

باش ئەلچى فەرىدون سىنىرلىئوغلۇ، بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم، مەۋجۇت ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمراھلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى كاتېرىن رۇسسېل بولسا، بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى، يەر شارىۋى پائالىيەتلىرىنى پايتەخت ئەنقەرەدىن كېيىن ئىستانبۇلدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، 4 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر