ئەردوغان كىرودىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالقان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاغرېبتا كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

1877510
ئەردوغان كىرودىيە پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى
Erdogan-Zoran Milanovic.jpg
Erdogan-Zoran Milanovic1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن مىلانوۋىچ، كېيىنچە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى رەھبەر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كېيىنچە سىساقتا ئىسلامىىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئەردوغان، تۈركىيە – كىرودىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ۋە كىرودىيە پىرېزىدېنتى مىلانوۋىچ تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلىدىغان رەسمىي كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر