«ئەرەن قامال قىلىش – 31» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
«ئەرەن قامال قىلىش – 31» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، ماردىن ۋىلايىتى نۇسايبىن ناھىيەسىنىڭ ئۆمەريان يېزىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1877113
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش – 31» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ماردىن ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىدا، 5 – سېنتەبىر كۈنى ماردىن ۋىلايىتى نۇسايبىن ناھىيەسىنىڭ ئۆمەريان يېزىسىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى قورال - ياراغ بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.