تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ ھىران رايونىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1875423
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكى تەكىتلىنىپ،  ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيدىغانلىقى شۇنداقلا يېقىن - يورۇقلىرىغا ۋە سومالى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جۈمە كۈنى كەچتە سومالىنىڭ ھىران رايونىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 20 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر