تۈركىيە پاكىستانغا 11  ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى

تۈركىيەدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن يوللانغان 11 - ئايروپىلان كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچار پاكىستانغا يېتىپ باردى.

1875438
تۈركىيە پاكىستانغا 11  ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى
yardim malzemeleri pakistan.jpg
pakistan sel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقى بىلەن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنى كەلكۈن سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستانغا يەتكۈزۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان 11 - ئايروپىلان پاكىستانغا يېتىپ بارغان.

بۇ ئارىلىقتا 14 - ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن پاكىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1265 كىشىگە يەتكەن.

پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى (NDMA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پاكىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 57 كىشى كەلكۈن سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

كەلكۈن ۋە سۇ بېسىپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 33 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

پاكىستان مىقياسىدا دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ 45% ى سۇ ئاستىدا قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر