تۈركىيە ئىراقتىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ باغدادتىكى نامايىشلار ئەسناسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1873814
تۈركىيە ئىراقتىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «باغدادتىكى خېلىدىن بېرى  داۋاملىشىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغان نۇقتىغا كېلىپ قالدى. دوست ۋە قېرىنداش ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دۆلەت مىقياسىغا يامراپ كەتكەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىلغان باياناتتا يەنە، «بىز نۆۋەتتىكى سىياسىي زىددىيەتنىڭ تىنچ ۋە سىغدۇرۇشچان سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىپ، ئىراق خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باغدادتىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ: «باغدادتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇقرالىرىمىزغا مەجبۇرىي بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا، باغدادقا ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا: «نۆۋەتتە ئىراقتا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىمىزنىڭ باغدادتىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جايلاردىن يىراق تۇرۇشى، مىنىستىرلىقىمىز ۋە باغداد ئەلچىخانىمىزنىڭ ئېلان قىلغۇسى قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئېلانلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى پايدىلىقتۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر