ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە فېدېراتسىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى مەسلىھەتچىسى جېنس پلاتنېر بىلەن كۆرۈشتى.

1872931
ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىتا، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشىتا يەنە، شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئىلتىماس جەريانى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىق تەسىرى ۋە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تەشەببۇسى، ئاشلىق توشۇش ۋە تۈركىيەنىڭ يەر شارى ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى رولى، ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىز مەسىلىسى، سۈرىيە ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىلىرى شۇنداقلا تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق يەرشارى خاراكتېرلىق ۋە رايون خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر