تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى خېلىسىنكىدا چاقىرىلدى

تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

1872885
تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى خېلىسىنكىدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تەرىپىدىن 28 – ئىيۇندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمى دائىرىسىدە قۇرۇلغان دائىمىي بىرلەشمە مىخانىزمنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئېچىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمنىڭ تۈركىيە سۆھبەت ئۆمىكىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى، باش ئەلچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئۆنال رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەدلىيە، تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋەكىللىرىمۇ ئۈمەكتىن ئورۇن ئالدى.

شىۋېتسىيە ئۆمىكىگە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوسكار ستېنستروم، فىنلاندىيە ئۆمىكىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جۇككا سالوۋارا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆمەكلىرىدىن ئەدلىيە، بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

سۆھبەتلەر جەريانىدا دائىمىي بىرلەشمە مېخانىزمنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بېكىتىلدى، ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدە  ئورۇن ئالغان ۋەدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلار كۆزدىن كەچۈرۈلدى، كەلگۈسى باسقۇچتا تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدىكى «تېررورىزمنىڭ بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلىدىغانلىقى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قاتارلىق بارلىق تەھدىتلەرگە قارشى تۈركىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقى، پ ي د/ي پ گ ۋە فەتۆ قاتارلىقلارغا ياردەم قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

مېخانىزم دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەردە كونكرېت ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر