سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش مەقسىتىدە ئوق چىقارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى سەككىز تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1872243
سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش مەقسەتلىك ھۇجۇملىرى جازاسىز قالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى سەككىز تېررورچى ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر