شەنتوپ ئۇكرائىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1872035
شەنتوپ ئۇكرائىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، پارلامېنت باشلىقى رۇسلان ستېفانچۇكقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى شەخسىي ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى نامىدىن تەبرىكلەپ: «ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرىمىز بولغان ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز داۋاملىق كۈچەيمەكتە. بۇ جەرياندا، پارلامېنتلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە ھەر قايسى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدۇ. بۇ ۋەسىلە بىلەن، سىزگە ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرىغا سالامەتلىك ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر